تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە پاكىستان ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى داۋاملاشماقتا
تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە پاكىستان ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىدا ئېتىش مەشىقى قىلىندى.
1706094
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئۈچ قېرىنداش 2021» ناملىق ھەربىي مانېۋىردا ئالاھىدە قىسىملارنىڭ قورال ۋە بومبا ئېتىش مەشىقى قىلغانلىقىنى، مانېۋىرنىڭ 20 – سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.