فوچا ۋە داتچا ناھىيەلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر توپ كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىرنىڭ فوچا ناھىيەسىدە گىرېتسىيە ساھىل قوغداش قىسىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 74 كۆچمەن قۇرۇقلۇققا چىقىرىلدى.

1703663
فوچا ۋە داتچا ناھىيەلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر توپ كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى فوچا ناھىيەسىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆچمەنلەرنىڭ بارلىقى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، رايونغا ساھىل بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئەۋەتتى.

خادىملار گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە تاشلاپ قويغان جەمئىي 74 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

مۇغلانىڭ داتچا ناھىيەسىدىمۇ گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋەتكەن 21 كۆچمەن تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

قۇرۇقلۇققا چىقىرىلغان كۆچمەنلەر مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەندىن كېيىن، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان رايونلاردىكى ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر