چاۋۇشئوغلۇ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رائاب بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1697879
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رائابنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيە – ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.
فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا ھائاۋىستو بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەن چاۋۇشئوغلۇ، ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئافغانىستاندىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
چاۋۇشئوغلۇ يەنە، ئىراننىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئېمىرابدۇللاھىيان بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.