تۈركىيەنىڭ تۇنجى «دۆلەتلىك سۈنئىي ئەقىل ئىستىراتېگىيەسى» ئېلان قىلىندى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى رەقەملىك ئۆزگەرتىش ئىشخانىسى باشقارمىسى بىلەن سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى «دۆلەتلىك سۈنئىي ئەقىل ئىستىراتېگىيەسى» ئېلان قىلىندى.

1696387
تۈركىيەنىڭ تۇنجى «دۆلەتلىك سۈنئىي ئەقىل ئىستىراتېگىيەسى» ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى رەقەملىك ئۆزگەرتىش ئىشخانىسى باشقارمىسى بىلەن سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان، تۈركىيەنىڭ  5 يىللىق مەزگىلدىكى سۈنئىي ئەقىل پائالىيەتلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان تۇنجى «دۆلەتلىك سۈنئىي ئەقىل ئىستىراتېگىيەسى» كوجائەلى ۋىلايتىدىكى ئۇچۇر ۋادىسىدا تونۇشتۇرۇلدى.

تۈركىيە سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، ئۇچۇر ۋادىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن، تۈركىيەنىڭ تۇنجى «دۆلەتلىك سۈنئىي ئەقىل ئىستىراتېگىيەسى» تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: «2025 – يىلى سۈنئىي ئەقىل  ساھەسىدىكى ئىشقا ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار سانىنى كەم دېگەندە 50 مىڭغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز، شۇ ۋەجىدىن، لاياقەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تەدبىرلەرنى بېكىتتۇق، سۈنئىي ئەقىل ئىستىراتېگىيەمىزدە بېكىتىلگەن تەدبىرلەر ئارقىلىق قوللىشىمىزنى تېخىمۇ ئاكتىپلاشتۇرىمىز، دۆلەتلىك سۈنئىي ئەقىل ئىستراتېگىيەمىزدە ئۆز – ئۆزىنى سىناق قىلالايدىغان، يېڭىلىقلارنى بايقىيالايدىغان، ئۆگىنەلەيدىغان ۋە يۆنىلىشتە ئۆز – ئۆزىنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرىدىغان ئېكولوگىيەلىك سىستېما بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر