ئەسەد ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونىغا ھۇجۇم قىلدى

ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى ئازايتىش رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ، پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1693638
ئەسەد ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى ئازايتىش رايونىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا ئاھالىلەر رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا بەش پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، تۆت پۇقرا يارىلاندى.

ئىدلىبنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان مەئەررەتۇننۇئمان ناھىيەسىدىكى ئەسەد ئەسكەرلىرى بىلەن ئىران ھىمايىسىدىكى چەت ئەللىك تېررورچى گۇرۇپپىلار تەشكىل قىلغان ھاكىمىيەت كۈچلىرى، ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى مەسسۇن يېزىسىغا ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلدى.

پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا تۆت نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي بەش پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان، يارىلانغان تۆت پۇقرا يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغان.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر