تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا سەككىز تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1692546
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلار ئارقىلىق تۈرك ئەسكەرلىرىنى نامەرتلەرچە شېھىت قىلغان تېررورچىلارنىڭ بايقىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقى، بۇ دائىرىدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېرورچىلار سانىنىڭ سەككىزگە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر