تۈركىيە ھاجىلارنىڭ ئاپتوبۇسلىرىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە نىگېرىيەدە ھەجدىن قايتقان يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىغا قىلىنغان تېرورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1691687
تۈركىيە ھاجىلارنىڭ ئاپتوبۇسلىرىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، 14-ئاۋغۇست ھەجدىن قايتقان يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا نەچچە ئون كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر ئازاب ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، شۇنداقلا دوست ۋە قېرىنداش نىگېرىيە خەلقى ھەمدە ھۆكۈمىتىگە تەزىيەلىرىمىزنى بىلدۈىمىز» دېيىلدى.

نىگېرىيەنىڭ پلاتائۇ ئۆلكىسىدە 14 – ئاۋغۇست كۈنى ھەجدىن قايتقان يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا قارىتىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا 22 كىشى قازا قىلىپ، 14 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر