تۈركىيە مالىغا تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە مالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
1688385
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك يازما باياناتىدا: «2021-يىلى 8-ئاۋغۇست مالىنىڭ گاۋ رايونىدىكى پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 50 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلدى.
بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن دوست ۋە قېرىنداش مالى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مالىنىڭ ئانسونگو رايونى ئوۋاتاگۇنا ناھىيەسىدىكى 4 يېزا قوراللىق تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئونلارچە ئادەم قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغانىدى.