تۈركىيە كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى ئەڭ كۆپ ئەملەنگەن 8-دۆلەتكە ئايلاندى

دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد-19 غا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش مىقدارى 4 مىليارد 480 مىليوندىن ئاشتى.

1688794
تۈركىيە كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى ئەڭ كۆپ ئەملەنگەن 8-دۆلەتكە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە ھازىرغا قەدەر 78 مىليون 552 مىڭ 659 كىشىگە ۋاكسىنا ئەملەنگەن.

تۈركىيە ۋاكسىنا ئەملەش ئومۇمىي سانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 8-ئورۇندا ئۆتكەن.

مەملىكەت مىقياسىدا 42 مىليون 415 مىڭ 458 كىشىگە بىرىنچى مىقدار ۋاكسىنا، 30 مىليون 206 مىڭ 124 كىشىگە ئىككىنچى مىقدار ۋاكسىنا ئەملەنگەن.

خىتاي 1 مىليارد 780 مىليون ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملەنگەن بىرىنچى دۆلەت بولغان.

خىتايدىن قالسىلا ھىندىستان 508 مىليون 660 مىڭ ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن ئىككىنچى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى 351 مىليون 930 مىڭ ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن  ئۈچىنچى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر