تۈركىيە گىرېتسىيەدىن ھال سورىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، گىرېتسىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىئاستىن ھال سورىدى.

1686724
تۈركىيە گىرېتسىيەدىن ھال سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دېندىئاسقا تېلېفون قىلىپ، گىرېتسىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرى سەۋەبلىك ھال سورىغان.

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ دېندىئاسقا تېلېفون قىلىپ، دالا ئوت ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن ھال سورىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ھەر ئىككى مىنىستىرنىڭ ئالدى بىلەن ئۆز دۆلەتلىرىدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرىنى تىزگىنلەش شەرتى بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

دېندىئاسمۇ 29 – ئىيۇلدا تۈركىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرى سەۋەبلىك مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ ھال سورىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر