تۈركىيە چادتا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە چادتا بوكوھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1686498
تۈركىيە چادتا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، چادنىڭ كامېرون چېگراسىغا يېقىن يەرگە جايلاشقان چاد كۆلى رايونىدا بوكوھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن سادىر قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نەچچە ئون ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن: «بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن دوست ۋە قېرىنداش چاد خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە سەمىمىي تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىدارلارغا تېز شىپالىق تىلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر