ئالتۇن: تۈركىيە ھېچكىمنىڭ كۈتۈش زالى ئەمەس ۋە بۇنۇڭدىن كېيىنمۇ ئۇنداق بولمايدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيەنىڭ ھېچكىمنىڭ كۈتۈش زالى ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنداق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1685540
ئالتۇن: تۈركىيە ھېچكىمنىڭ كۈتۈش زالى ئەمەس ۋە بۇنۇڭدىن كېيىنمۇ ئۇنداق بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن، «‹بلومبېرگ› تېلېۋىزىيەسى» نىڭ زىيارىتىنى قولغا قىلغاندا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئافغانلارنىڭ تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچىنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكاغا كۆچمەن بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنسا بولىدىغانلىقىغا ئالاقىدار باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھېچكىمنىڭ كۈتۈش زالى ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ  ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، ئمېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، ۋاشىنگتون تەرىپىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن لايىھەلەر ھەم تەشكىلاتلاردا ئىشلەۋاتقان بىر قىسىم ئافغانىستان پۇقرالىرىنى ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە بېرىپ ئامېرىكادىن پاناھلىق تىلەش چاقىرىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىۋاتىمىز ھەم قاتتىق  ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.»

ئۇ، رايوننىڭ شەرت – شارائىتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان 4 مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىرغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقانلىقى نەزەردە تۇتۇلغىنىدا، قانۇنسىز كۆچمەنلىككە رىغبەتلەندۈرىدىغان بۇنداق چاقىرىقنى ئەسلا قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز چېگرا بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق تىرىشىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر