تۈركىيە ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۆچمەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك پىروگراممىسىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1685315
تۈركىيە ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئېلان قىلغان «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئافغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش پىروگراممىسى» نى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇقتۇرغان، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئافغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش پىروگراممىسى» ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلارچە ۋە دۆلىتىمىز بىلەن كېڭەشمەستىن چىقارغان قارارىنى قوبۇل قىلمايمىز، ئەگەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ كىشىلەرنى دۆلىتىگە قوبۇل قىلماقچى بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنى ئايروپىلانلار بىلەن بىۋاسىتە دۆلىتىگە يۆتكەپ كەتسە بولىدۇ.»

بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا يازما جاۋاب بەرگەن بىلگىچ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋاشىنگتوننىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى مەركەز قىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان  ئافغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش پىروگراممىسى ئارقىلىق، ئافغانلارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئىلتىماس سۇنغان كىشىلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۈچىنچى دۆلەتلەردىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ۋە تۈركىيەدىنمۇ ئىلتىماس سۇنالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باياناتى رايونىمىزدا چوڭ كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەمدە كۆچۈش يوللىرىدا ئافغانلارنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدۇ. ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە تېپىشنىڭ ئورنىغا، دۆلىتىمىزنىڭ رازىلىقىنى ئالماستىن دۆلىتىمىزدە ھەل قىلىنىش ئۇرۇنۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 7 يىل ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ساھىبخانىلىق قىلغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بىلگىچ، يېڭى بىر كۆچمەنلەر كىرىزىسىنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەت نامىدىن ئۆز ئۈستىگە ئېلىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز قايسى شەكىلدە بولسا بولسۇن، ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ، شۇنداقلا ،قانۇنلىرىمىزنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەقسىتى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىنىشىغا يول قويمايدۇ، ھېچكىم تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ قارارى نەتىجىسىدە رايونىمىزدا يۈز بەرگەن كۆچمەنلەر كرىزىسىنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلماسلىقى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر