ئەل باب رايونىدا 2 ئەسكەرىمىز  شېھىت بولدى

سۈرىيەنىڭ ئەل باب رايونىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى تېرورچىلار تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى ۋە 2 ئەسكەر يارىلاندى.

1679675
ئەل باب رايونىدا 2 ئەسكەرىمىز  شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا، «فىرات قالقىنى رايونىدا بىر برونىۋىك ئاپتوموبىلىمىزغا تېرورچىلار تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمىدا ئىككى قەھرىمان ئەسكىرىمىز شەھىد بولۇپ، يەنە ئىككى ئەسكىرىمىز يارىلاندى. ھۇجۇمدىن كېيىن، رايوندىكى تېرورلۇق نىشانلىرى ئېنىقلىنىپ دەرھال ئوققا تۇتۇلدى ۋە  ئۈنۈملۈك ھالدا بىتچىت قىلىندى» دېيىلدى.

فىرات قالقىنى رايونى تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ 2016-يىلى 8-ئايدىن 2017-يىلى 3-ئايغىچە ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى ئارقىلىق تېرورلۇقتىن تازىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر