ئەردوغان 15-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن خەلققە خىتاب قىلدى

خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ خىيانەتنى ھەر قېتىم ئەسكە ئالغاندا، مۇستەقىللىقىمىز ۋە كەلگۈسىمىزگە تېخىمۇ چىڭ ئېسىلىدۇ.

1676506
ئەردوغان 15-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن خەلققە خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 15 - ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلققە خىتاب قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «2016 - يىلى 15 - ئىيۇل جۈمە كۈنى كەچتە باشلىنىپ، ئەتىسى كۈنى خەلقىمىزنىڭ ئايىغى ئاستىدا چەيلىنىپ ئاخىرلاشقان بۇ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى، ئىبرەت (ساۋاق) ھۆججىتى سۈپىتىدە تارىخىمىزدىكى ئورنىنى ئالدى. ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مىللىتىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسى تارىختىن بۇيان مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ خىيانەتنى ھەر قېتىم ئېسىگە ئالغاندا، مۇستەقىللىقىمىز ۋە كەلگۈسىمىزگە تېخىمۇ چىڭ ئېسىلىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پىروگراممىسى دائىرىسىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىدىن خەلققە خىتاب قىلدى.

ئۇ بىۋاسىتە تارقىتىلغان «خەلققە خىتاب» ناملىق تېلېۋىزىيە نۇتۇقىدا تۆۋەندىكىلەرنى قەيت قىلدى:

«قەدىرلىك خەلقىم، سىلەرگە ئەڭ چىن ھېسسىياتىم ۋە سۆيگۈم بىلەن سالام يوللايمەن. بۈگۈن دۆلەت ۋە خەلق ھاياتىمىزنىڭ ھەم ئەڭ قەبىھ ھۇجۇمىنىڭ، ھەم ئەڭ شانلىق قارشىلىق كۆرسىتىشلىرىنىڭ بىرىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنى. مەن نۇتۇقۇمنى شۇ كۈنى كەچتە  <بەدىرنىڭ شىرلىرىدەك شانلىق> كۈرەشلىرى ئەسناسىدا بىر ئەتىرگۈل باغچىسىغا كىرگەندەك يەرگە يىقىلغان 251 شېھىتىمىزگە ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت تىلەش بىلەن باشلىماقچىمەن.

ھەر بىرىنىڭ ھېكايىسى ئايرىم بىر داستان بولغان شېھىتلىرىمىز، <كەلگىن سېنى تارىخقا كۆمەيلى> دېسەك سىغمىغۇدەك بۈيۈك قەھرىمانلىقلىرى ئارقىلىق بۇ مىللەتكە كېپەن پىچقانلارغا تېگىشلىك ساۋىقىنى بەردى. پەيغەمبەرلىكتىن كېيىنكى ئەڭ شەرەپلىك ماقامغا، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىدىكى ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋىگە يەتكەن شېھىتلىرىمىزغا بولغان ۋاپادارلىق بۇرچىمىزنى، ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئامانەتلەرگە ئىگە چىقىش ۋە ئادا قىلىشقا تىرىشماقتىمىز.

«بىز دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزگە قىلىنغان خىيانەتنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايمىز»

ئەر – ئايال، قېرى – ياش، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى، خوجايىن – خىزمەتچى، كادىر – كاسىپ، قىسقىسى بارلىق ياش، كەسىپ ۋە قاتلامغا مەنسۇپ ئىنسانلار بۇ ھاياسىزلارچە ھۇجۇمغا كۆكسىنى كېرىپ، كوچا ۋە مەيدانلارنى تولدۇرۇپ، كۆرگەنلا يېرىدە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغۇچىلارنىڭ يولىنى توراپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئالدىغا سېلىپ قوغلاپ، ئانىدىن، پەرزەنتتىن، مال – دۇنيادىن كېچىپ قىلغان كۈرەشلىرى ئەسناسىدا غازىلىق شەرىپىگە ئېرىشكەن قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ ئەڭ چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى سۇنىمەن.

ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىللىق سۆيگۈسى، ئەركىن ياشىغان بايرىقىمىزنىڭ نازلىنىپ لەپىلدىشى ۋە دۆلىتىمىز ئاسمىنىدا مەڭگۈ ياڭرايدىغان ئەزانلىرىمىزنىڭ ئاۋازى گۇۋاھچىمىز بولسۇنكى؛ دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزگە قىلىنغان خىيانەتنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز. بىز بۇ خائىنلىقنىڭ ھېسابىنى قولغا چۈشۈرگەن، ئېنىقلىغان بارلىق خائىنلاردىن سورىدۇق ۋە داۋاملىق سورايمىز. ئاخىرەتتىمۇ بۇ ئىبلىس دوستلىرىنىڭ ياقىسىدىن تۇتىمىز، روزى مەھشەردىمۇ ئۇلارنى قويۇۋەتمەيمىز.

قەدىرلىك خەلقىم، 2016 - يىلى 15 - ئىيۇل جۈمە كۈنى كەچتە باشلىنىپ، ئەتىسى كۈنى خەلقىمىزنىڭ ئايىغى ئاستىدا چەيلىنىپ ئاخىرلاشقان بۇ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى، ئىبرەت (ساۋاق) ھۆججىتى سۈپىتىدە تارىخىمىزدىكى ئورنىنى ئالدى. ئەۋلادمۇ ئەۋلاد خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسى تارىختىن بۇيان مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ خىيانەتنى ھەر قېتىم ئېسىگە ئالغاندا، مۇستەقىللىقىمىز ۋە كەلگۈسىمىزگە تېخىمۇ چىڭ ئېسىلىدۇ.

دۆلىتىمىز، ئەلۋەتتە جۇمھۇرىيەت تارىخىدا نۇرغۇن سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشلىرىغا، ئىسيانلارغا ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا دۇچار بولدى. ئەمما، شۇ كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن ئىشلار بىزگە ئۆز دۆلىتىگە، ئۆز خەلقىگە مىلتىق تەڭلىگەن، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆككەن بۇ ساتقۇنلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ پەسكەش مەخلۇقلارغا قانداق ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئەمەلىيەتتە، مىللەتلەرنى مىللەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ تارىخىدىكى بۇ خىل ئازاب، جان ۋە قان بىلەن يۇغۇرۇلغان غەلىبىلەردۇر. بىز مىڭ يىللىق ۋەتىنىمىزنىڭ تىكەنسىز ئەتىرگۈل باغچىسى ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ھەر بىر كۈنىنىڭ دېگۈدەك جاپالىق كۈرەشلەر بىلەن ئۆتكەنلىكىنى بىلىمىز. بىز مىڭ يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋە جەمئىيەتلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان جۇغراپىيەلىك ئورۇننى  ۋەتەن قىلىشنىڭ ۋە ۋەتەن قىلىپ ساقلاپ قېلىشىنىڭ بەدىلىنى تۆلەۋاتىمىز. ئەتراپىمىزدىكى يېقىنقى بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى كۆرگىنىمىزدە، بۇ بەدەلنىڭ مۇكاپاتىنى ئىتتىپاقلىقىمىز، باراۋەرلىكىمىز، قېرىنداشلىقىمىز، دۆلىتىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنى قۇتقۇزۇش بەدىلىگە ئالغانلىقىمىز بىر ھەقىقەتتۇر.

«ئۇلار بىزنىڭ ئۇلۇغ مەدەنىيەت ۋە تارىخ مىراسىغا ئىگە چىقىۋاتقانلىقىمىزنى چۈشەنمەيدۇ»

ئارقىمىزدا قالغان سەككىز يىلدىكى ئوخشىمىغان كۆرۈنۈشلەردىكى ھۇجۇملار ۋەتىنىمىزنى قوغداش كۈرىشىمىزنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پ ك ك دىن تارتىپ دائېش ۋە فەتۆ (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى) غىچە بولغان تۈرلۈك شەكىللەردىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنماقچى بولغان سېنارىيەلەرنىڭ مەقسىتى، ۋەتىنىمىزنى تىز پۈكتۈرۈش، مىللىتىمىزنى قۇل قىلىش، زېمىنىمىزنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشتۇر. بىز ئورۇن ئالغان ھەر بىر خەلقئارالىق سۇپىدىكى تۈركىيەگە قارشى نامايان قىلىنىۋاتقان قوش ئۆلچەملەر ئوخشاش سېنارىيەنىڭ باشقىچە ۋارىيانتى ھېسابلىنىدۇ.

نەچچە مىڭ، نەچچە ئون مىڭ كىلومېتىر يىراق يەردىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن كېلىپ، قەلب جۇغراپىيەمىزنى قان ۋە كۆز يېشىغا غەرق قىلغانلار،  مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىنى زۇلمەتكە ئايلاندۇرغانلار، تۈركىيەنىمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار قىلالماسلىقنىڭ زەردىسىنى چەكمەكتە. ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە راھەت – پاراغىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنى قالقان قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمىز دەپ ئويلاۋاتقانلار، ئەسلىدە بىزنىڭ ئۇلۇغ مەدەنىيەت ۋە تارىخ مىراسىغا ئىگە چىقىۋاتقانلىقىمىزنى چۈشەنمەيدۇ، چۈشىنەلمەيدۇ. رايونىمىزنىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىز ۋە پىداكارلىقىمىز ماھىيەتتە ئۇلۇغ ھەمدە قۇدرەتلىك تۈركىيە قۇرۇش يولىدىكى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئويغىنىشنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىدۇر.

گەزى (ساياھەت باغچىسى) ۋەقەلىرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي دەزلەرنى پەيدا قىلماقچى بولغانلار، ئەمەلىيەتتە بەدىنىمىزگە ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىك ۋاكسىناسى ئۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلمىدى. سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى يوقىتىپ دۆلىتىمىزنى ئىگىلىمەكچى بولغانلار، نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىنىڭ ئاخىرقى ھالقىسىنى تېخىمۇ چىڭىتقانلىقىنى ھېس قىلالمىدى. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئىشقا سېلىپ زېمىنىمىزغا تەھدىت سالغانلار، قىلمىشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە قېرىنداشلىقىمىزنى مۇستەھكەملىگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلمىدى.

«ئۇلار بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى توسۇپ قالالمايدۇ»

شەرقتىن غەربكە، شىمالدىن جەنۇبقا، قىسقىسى ھەممىلا تەرەپتىن ۋەتىنىمىزنى چوڭقۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋىتى بولغان رايونلاردىن ئايرىۋەتمەكچى بولغانلار تېخىمۇ كۈچلۈك مۇھەببەت رىشتىسى ئورنىتىشىمىزغا ۋاسىتە بولغانلىقىنى ھېس قىلالمىدى. بىز پەقەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋاكالىتەن ئوتتۇرىغا قويغان ھوقۇق ۋە ئادالەت تەلىپىمىزنى، ئۆزلىرىنىڭكىگە ئوخشاش سىياسىي رىياكارلىق دەپ قارىغانلار، مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى، نەپىسى ۋە ئۈمىدىگە ئايلىنىشىمىزنىڭ سىرىنى چۈشىنەلمىدى. گويا 15 – ئىيۇل كېچىسى خەلقىمىزنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار ئۇرۇش قوراللىرىنى قۇرۇق قوللىرى بىلەن  توختاتقانلىقىنى چۈشىنەلمىگەندەك، ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ باشقا مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ سەۋەبىنىمۇ بىلەلمىدى.

ھالبۇكى، بىز پەقەت ئۆزىمىز ئۈچۈن نېمىنى ئۈمىد قىلغان بولساق، پۈتكۈل جۇغراپىيەمىز، بارلىق دوستلىرىمىز، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈنمۇ ئوخشاش نەرسىنى ئۈمىد قىلىمىز.  بىز بۇنى باشقا مۇددىئالىرىمىزنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، سەمىمىيلىك بىلەن قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، قەيەرگىلا بارمايلى، قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىنماقتىمىز ۋە قەدىرلەنمەكتىمىز. بىز تۈنۈگۈن سۈرىيەدە، لىۋىيەدە قىلدۇق، قاراباغدا شۇنداق قىلدۇق. ئەتە ئافغانىستان ۋە باشقا جايلاردىمۇ ئوخشاش سەمىمىيلىك ۋە ئادىللىق بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنى قوللايمىز.

15 - ئىيۇل يالغۇز دۆلىتىمىزدىكى مۇستەقىللىقىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنى قوغداشنىڭ سىمۋولى بولۇپلا قالماي، يەنە بۇ ئۇلۇغ تەسەۋۋۇرنىڭمۇ سىمۋولى. ئەلۋەتتە، باشقا مەسىلىلەرگە ئوخشاش، بۇ ھەقىقەتمۇ كۆرۈشنى خالايدىغان كۆزلەر، ئاڭلاشنى خالايدىغان قۇلاقلار، سۆزلەشنى خالايدىغان تىللار، چۈشىنىشنى خالايدىغان ئەقىللەر، خۇشاللىق بىلەن سالماقچى بولغان يۈرەكلەر، ئۈمىدكە تولۇشنى خالايدىغان كۆڭۈللەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە.

خۇداغا شۈكرى، خەلقىمىز بىزنى چۈشىنىدۇ، يۆنىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭىدۇ. شۇڭلاشقا بىز دۆلىتىمىزنى ئەسىرگە ئالماقچى بولغان مۇستەملىكىچىلەرگە بىر ئەسىر ئىلگىرىكىگە ئوخشاش «تۈركىيەنى يېڭىپ ئۆتكىلى بولمايدۇ» دەۋاتىمىز. شۇڭلاشقىمۇ خەلقىمىزگە قارشى يوشۇرۇن مۇددىئالارغا ئىگە يامان نىيەتلىكلەرگە <غەلىبە قىلالمايسىلەر> دەۋاتىمىز. ئۇلار تۈنۈگۈنمۇ، بۈگۈنمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى، ئەتىمۇ — ئىنشائاللاھ — مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ، ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك تۈركىيە قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.

«بىزنىڭ يولدىشىمىز خەلقىمىزدۇر»

كىم كىم بىلەن بىللە ماڭغۇسى كەلسە ماڭسۇن، بىزنىڭ يولدىشىمىز خەلقىمىزدۇر. بىز يولدىشىمىز مالازگىرتتىن تارتىپ ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىش (بويسۇندۇرۇش) قىچە، چاناققەلئەدىن مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغىچە، قىبرىس يۈرۈشىدىن 15 - ئىيۇلغىچە بولغان مۇساپىدىكى بارلىق شېھىتلىرىمىزدۇر. بىزنىڭ يولدىشىمىز ھەر بىرىنى دۇنياغا تەڭ قىلغىلى بولمايدىغان كۈرەش ئىرادىسىگە ئىگە غازىلىرىمىزدۇر. بىزنىڭ يولدىشىمىز ئاق ساقاللىق بوۋىلىرىمىزنىڭ ۋە ئاق لىچەكلىك مومىلىرىمىزنىڭ كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ قىلغان دۇئالىرىدۇر. بىزنىڭ يولدىشىمىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قەلبى ۋە كۆزىنى بىزگە تىككەن ئىزىلىۋاتقانلارنىڭ ئۈمىدىدۇر. بىزنىڭ يولدىشىمىز ئۆزى ۋە دۆلىتى ئۈچۈن قانلىرى ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقان، پىلان – لايىھەلىرىنى تۈزگەن، نىشانىنى 2053 – يىلىغا قاراتقان ياشلىرىمىز، پەرزەنتلىرىمىزدۇر. قالغىنى بىكار گەپتۇر.

ئارخىمېد : «ماڭا پىشاڭ بېرىڭلار، دۇنيانى ھەرىكەتلەندۈرىمەن» دېگەن بولسا، بىز دەيمىزكى، بىز بۇ بۈيۈك خەلق بىلەن دۇنيانىمۇ ھەرىكەتلەندۈرىمىز، جاھانغىمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز ۋە كائىناتقا نىدايىمىزنى ئاڭلىتىمىز. ئاللاھ بىزگە ياردەم قىلسۇن.

رەببىمىزدىن بىزنى ئىككىنچىلەپ 15 - ئىيۇلغا ئوخشاش خىيانەت بىلەن سىنىماسلىقىنى تىلەيمىز. پەرۋەردىگارىمىزدىن ۋەتىنىمىزنى ۋە مىللىتىمىزنى قوغدىشىنى سورايمىز. رەببىمىز ھەر بىر ئىشىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسۇن ۋە بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىزنى مەقسىتىگە يەتكۈزسۇن.

مەن بۇ قاراشلىرىم بىلەن سۆزلىرىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، سەيشەنبە كۈنى يېتىپ كېلىدىغان قۇربان ھېيتنى ئالدىن تەبرىكلەيمەن. رەببىمدىن بۇ مۇبارەك كۈنلەرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن خەلقىمىزنى، مۇسۇلمانلارنى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈشىنى تىلەيمەن. ھەممىڭلارغا بولغان مېھرى - مۇھەببىتىم ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈرىمەن. ئامان بولۇڭلار!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر