مەھمۇد ئابباس تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

1672519
مەھمۇد ئابباس تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات بېرىپ، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ 9 – ئىيۇلدىن 11 – ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىغان تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدىكى ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتقا قارىغاندا، ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە بىلەن دوست ۋە قېرىنداش پەلەستىن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ گۈللەندۈرۈلۈشى يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر، پەلەستىندىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە ۋە ئىسرائىلىيە – پەلەستىن ئىختىلاپىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن. پەلەستىنلىكلەر ئارا يارىشىش بىلەن پەلەستىندە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سايلام توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر