تۈركىيە بىلەن پاكىستان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشتى

تۈركىيە ۋە پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىرى ھەربىي ھەمكارلىقنى، بولۇپمۇ مەشىق ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەىشتىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

1670405
تۈركىيە بىلەن پاكىستان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئۇمىت دۈندار پاكىستاندىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا مەنسەپدىشى گېنېرال قەمەر جاۋىد باجۋا بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. گېنېرال ئۇمىت دۈندار بىلەن جاۋىد باجۋا ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى تەكىتلىدى.

پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى پاكىستاننىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۈندار بىلەن باجۋا تۈركىيە ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مائارىپ ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىق ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.

گېنېرال قەمەر جاۋىد باجۋا ئىيۇن ئېيىدا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر