يەنە بەش تېررورچى قايىل قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە تەسلىم بولدى
بەش تېررورچى قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك سېپىدىن قېچىپ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىرلىقنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى بىلەن ژاندارما باش قوماندانلىقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك سېپىدىن قاچقان بەش تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
مەزكۇر تېررورچىلاردىن بىرىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ۋاندىكى پەرزەنت نۆۋىتىدە تۇرۇۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ 2009 – 2015 – يىللىرى ئارىلىقىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، سۈرىيە، ئىراق ۋە ئىراندا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شۇنداق قىلىپ، پەرزەنت نۆۋىتىدە تۇرۇۋاتقان 26 – ئائىلە پەرزەنتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزغان بولدى، بۇ يىل ئىچىدىكى قايىل قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە تەسلىم بولغان تېررورچىلار ئومۇمىي سانى 86 گە يەتتى.