چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەنىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن 31 – ماي دۈشەنبە كۈنى بۇ دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدۇ.

1646072
چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنى ھارپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاتىنا ۋە سەلانىكتە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، زىيارىتى دائىرىدە گىرېتسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى نىكوس دېندىئاس بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

كۆرۈشۈشنىڭ كۈنتەرتىپىنى، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىدىكى ئۆزگىرىشلەر تەشكىل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر