ئەردوغان پۇتىن بىلەن سپۇتنىك ۋاكسىناسى مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1634722
ئەردوغان پۇتىن بىلەن سپۇتنىك ۋاكسىناسى مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «V سپۇتنىك» ۋاكسىناسىنى رۇسىيەدىن تۈركىيەگە ئەۋەتىش ئىشلىرىنىڭ كېلىشىم بويىچە ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ساھەدە ئورنىتىلغان ھەمكارلىقلارغا، ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قوشۇلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، تۈركىيە-رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئۈستۈن قاراباغدىمۇ رايونلۇق نورماللىشىش ۋە مۇقىملىق مۇساپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر