ئوكتاي: يەنە بىر ۋاكسىنىنى 1 – باسقۇچلۇق ئەملەش خىزمىتى باشلىنىدۇ

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى تۈركىيەدە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان يەنە بىر ۋاكسىنىنى 1 – باسقۇچلۇق ئەملەش خىزمىتىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر بەردى.

1624669
ئوكتاي: يەنە بىر ۋاكسىنىنى 1 – باسقۇچلۇق ئەملەش خىزمىتى باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، يوزگاتتا يەرلىك بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا بەرگەن باياناتىدا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى نۆۋەتتە 18 تۈرلۈك يەرلىك ۋاكسىنىنڭ بارلىقىنى، بۇلاردىن 7 ىسىدە ئۈمىد بارلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 7 ۋاكسىنىنىڭ ئىچىدە 4 ىنىڭ كىلىنىكىلىق سىناق باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

قەيسەرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىروفېسسور دوكتور ئايقۇت ئۆزدارەندەلى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ۋاكسىنىنىڭ ئاخىرقى كىلىنىكىلىق باسقۇچى بولغان 3 – باسقۇچنىڭ پات يېقىندا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئوكتاي، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۈگۈنمۇ بىر خۇش خەۋىرىمىز بار، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىروفېسسور دوكتور ئوسمان ئەرگانىش ئۇستازىمىز تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ۋاكسىنا نامزاتىنىڭ كىلىنىكىلىق سىناقتىن بۇرۇنقى باسقۇچىنى تاماملىغانلىقى ۋە 1 – باسقۇچنىڭ باشلىىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. خۇدايىم بۇيرۇسا، چارشەنبە كۈنى (ئەتە) 1 – باسقۇچ باشلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر