تۈركىيەنىڭ بالىلار نوپۇسى 22 مىليون 750 مىڭ بولۇپ بېكىتىلدى

تۈركىيەنىڭ بالىلار نوپۇسى، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 22 مىليون 750 مىڭ بولۇپ بېكىتىلدى.

1624866
تۈركىيەنىڭ بالىلار نوپۇسى 22 مىليون 750 مىڭ بولۇپ بېكىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىنستىتۇتى 2020-يىلىغا ئالاقىدار بالىلار نوپۇسى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئادرېسنى ئاساس قىلغان نوپۇس تىزىملاش سىستېمىسىنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە 83 مىليون 614 مىڭ 362 كىشى بولغان. بالىلار نوپۇسى 22 مىليون 750 مىڭ 657 بولۇپ بېكىتىلگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ بالىلار نوپۇسى تەكشۈرۈلگەندە، 2020-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بالىلار نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى %18.2 بولغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە بالىلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىرېلاندىيە %24.2  بىلەن بىرىنچى، فرانسىيە %21.6  بىلەن ئىككىنچى ۋە شىۋىتسىيە %21.1 بىلەن ئۈچىنچى بولغان.

بالىلار نۇپۇسى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىتالىيە %15.8 بىلەن بىرىنچى، مالتا %15.9 بىلەن ئىككىنچى، گېرمانىيە %16.4 بىلەن ئۈچىنچى بولغان.

تۈركىيەنىڭ  بالىلار نوپۇسى %27.2  لىك نىسبەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن تولىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى كۆرۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قويۇلىدىغان ئەڭ مەشھۇر  ئەركەك بوۋاق ئىسىملىرىنىڭ بۇلتۇر يۈسۈف، ئەيمەن ۋە مۇستافا بولغانلىقى، ئەڭ مەشھۇر قىز بوۋاق ئىسىملىرىنىڭ زەينەپ، ئاسەل ۋە ئەلىف بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 0 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان ئوغۇللارغا ئەڭ كۆپ قويۇلغان ئىسىملارنىڭ يۈسۈپ، مۇستاپا ۋە دېمىر، قىزلار بولسا، زەينەپ، ئەلىف ۋە تۇلىن بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر