چاۋۇشئوغلۇ بلىنكېن بىلەن تېلېفونلاشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1620020
چاۋۇشئوغلۇ بلىنكېن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە پايدىلىق رەۋىشتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر، ئافغانىستاندىكى تىنچلىق مۇساپىسى، بۇ دائىرىدە چاقىرىلىدىغان «ئىستانبۇل كونفېرانسى»، سۈرىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر