«فىرات قالقىنى» رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەدە «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا ھازىرغىچە ھۇزۇر ۋە ئامانلىق مۇھىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا يول قويۇلمىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يول قويۇلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايونغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئوق چىقارغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 3 تېررورچىنىڭ، ئالاھىدە ئەترەتلەر تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەزىز ۋە جەرابلۇس ناھىيەلىرى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونى، 2017 – يىلى مارت ئېيىدا تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى تەرىپىدىن تېررورچىلاردىن تازىلانغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.