چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى دائېمس بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى باشلىقى رىك دائېمس بىلەن كۆرۈشتى.

1612082
چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى دائېمس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، قايتىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى ئۈچۈن دائېمسنى تەبرىكلىگەنلىكىنى ۋە ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىدىكى ئەسلىمىلىرىنى خاتىرىلەپ ئۆتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇچۇرىدا دائېمس بىلەن ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ: «ئۇنىڭ ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئىيۇندا تۈركىيەگە كېلىشىنى كۈتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى باشلىقى رىك دائېمس تۈركىيە زىيارىتى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ بىلەن كۆرۈشكەن، ھەمدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنى زىيارەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر