ئەردوغان: «چاناققەلئە زەپىرى» قەھرىمان ئەجدادلىرىمىز يازغان شانلىق داستاندۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «چاناققەلئە زەپىرى» نىڭ ئانادولۇدىكى تۈركلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە ۋە مۇقەددەس قىممەت ئۆلچەملىرىگە دۈشمەن بولغانلارغا قارشى قەھرىمان ئەجدادلار يازغان شانلىق بىر داستان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1603580
ئەردوغان: «چاناققەلئە زەپىرى» قەھرىمان ئەجدادلىرىمىز يازغان شانلىق داستاندۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «<چاناققەلئە زەپىرى> نىڭ 106 – يىللىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «چاناققەلئە زەپىرى» نىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى يازغان شانلىق بىر داستان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز ئۈستىدە ئوينالماقچى بولغان سۇيىقەستلىك ئويۇنلارنى تارمار قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈرەش ئارقىلىق قوغدايمىز، ئەڭ مۇشەققەتلىك مەزگىللەردىمۇ دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلالىغان تۈرك مىللىتى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئوخشاش ئىدراكنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا، جېنىنى پىدا قىلىشقا تەيياردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر