سۈلەيمان سويلۇ 26 تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ يىل (2021) بېشىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە 26 تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1603753
سۈلەيمان سويلۇ 26 تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ 18-مارت شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە چاناققەلئە زەپىرىنىڭ 106-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە ئېچىلغان يىغىنغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

ئۇ 40 يىلدىن بۇيان كۈرەش قىلىنىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ چەت ئەل ياردىمىگە ئېرىشكەن مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، دۆلەت ئىچىدىكى تېررورىست سانىنىڭ 300 نىڭ ئاستىغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ تەسلىم بولغان تېررورىستلار سانىنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ بەش ھەسسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىزدە يىل بېشىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە 121 تېررورىستنى بىر تەرەپ قىلدۇق. يەنە يىل بېشىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە 26 تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق. ھەتتا بىرسىنى بۈگۈن (2021-يىلى18-مارت) ئەتىگەن ئالدىنى ئالدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر