تۈركىيەنىڭ يۇقۇمغا قارشى كۈرىشى كىتابلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتىكى ئۇتۇقلۇقلىرى كىتابلاشتۇرۇلدى

1601232
تۈركىيەنىڭ يۇقۇمغا قارشى كۈرىشى كىتابلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «كوۋىد – 19 غا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇتۇقلۇق كۈرىشىمىزنى كىتابلاشتۇردۇق. دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق ئورگانلىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆزئارا ماس ھالەتتە يولغا قويغان ئۇتۇقلۇق سىياسەتلىرى بايان قىلىنغان مۇھىم بىر ئەسىرىمىز ئەتە نەشر قىلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئالتۇننىڭ ئۇچۇرىدا «بۇ ئەسىرنىڭ دۇنياۋى يۇقۇمى – تۈركىيەنىڭ كوۋىد – 19 غا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇتۇقلۇق كۈرىشى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋا رەسىمىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدا، ئۈستىگە تۈركىيە بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ئاق رەڭلىك قوغدىنىش كىيىمى ئىچىدىكى ماسكا تاقىۋالغان بىر سەھىيە خادىمىنىڭ سۈرىتى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر