تۈركىيە مالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە مالىدا قوراللىق ساقچى قىسىم نىشان قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1591652
تۈركىيە مالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، 25 – فېۋرال كۈنى مالىنىڭ باندىئاگارا رايونىغا جايلاشقان قوراللىق ساقچى قىسىم بازىسى نىشان قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت مالى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

مالىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، موپتى رايونىغا جايلاشقان باندىئاگار ھەربىي بازىسىنىڭ نەمەلۇم قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، ھۇجۇمدا 8 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 5 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر