تۈركىيە كوجالى قەتلىئامىنىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كوجالى قەتلىئامىنىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

1591202
تۈركىيە كوجالى قەتلىئامىنىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئەرمەنلەرنىڭ 1992 – يىلى 26 – فېۋرالدا سادىر قىلغان «خوجالى قەتلىئامى»نىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ: «جانىجان ئەزەربەيجاننىڭ ئازابلىرىنى قەلبىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ھېس قىلماقتىمىز ۋە ئۇنى ئورتاقلاشماقتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ 1992 -يىلى 26- فېۋرالدا ئەزەربەيجاننىڭ ئۈستۈن قاراباغ رايونىدىكى خوجائەلى شەھىرىگە ھۇجۇم قوزغاپ، ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 613 ئەزەربەيجان پۇقراسىنى قىرغىن قىلىپ، نەچچە يۈزلىگەن ئەزەربەيجان پۇقراسىنى ئەسىرگە ئالغانلىقىنى خاتىرىتىلىپ ئۆتتى.

مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنىڭ ھازىرغىچە بولمىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا: «دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا يۈز بەرگەن خوجالى قەتلىئامى پەيدا قىلغان جاراھەتلەرنىڭ ھازىرمۇ يېپيېڭى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، شۇنداقلا جانىجان ئەزەربەيجاننىڭ ئازابلىرىنى قەلبىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ھېس قىلماقتىمىز ۋە ئۇنى ئورتاقلاشماقتىمىز. خوجالىدىكى قەتلىئامدا جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، بارلىق ئەزەربەيجان خەلقىگە چىن قەلبىمىزدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ قىممەتلىك ئەسلىمىلىرى ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن باش ئېگىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلغانلىقى ۋە يۇرت — ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان بىر مىليون ئەزەربەيجانلىققا يۇرتىغا قايتىش يولىنى ئاچقان ۋەتەن جېڭىدە جېنىدىن ئايرىلغان شېھىتلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم ھۆرمەت بىلەن ئەسلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «بۇنىڭدىن 29 يىل ئىلگىرى خوجائەلىدە شەپقەتسىزلەرچە قەتل قىلىنغان ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن. بۇ ئىنسانلىق جىنايىتىنى ئۇنتۇمىدۇق، ئۇنتۇمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر