تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك غا زەربە بەردى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى سەككىز تېررورچى ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.
1589493
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «تېرورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى باشلىرىغا ۋەيران قىلىپ تاشلاشنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز. ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان گارا رايونىدىكى چارلاش — كۆزىتىش ۋاسىتىلىرىمىز تەرىپىدىن بايقالغان سەككىز پ ك ك تېررورچىسى ھاۋا ئارمىيەمىز تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلدى. زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋام قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.