تۈركىيە كۆكەرتىش ساھەسىدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى
تۈركىيەنىڭ ئورمان بايلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۆكەرتىش ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىنمۇ جەزملەشتۈرۈلدى.
1589749
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ 2015 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە بولغان جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان «يەر شارى ئورمان بايلىقىنى باھالاش» دوكلاتىغا قارىغاندا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە كۆچەت تىكىش ئارقىلىق ئورمان بايلىقىنى كۈنسېرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىدە 19 بالداق ئۆرلەپ، 46 – رەتتىن 27 رەتكە تىزىلغان.