قالىن ياۋروپا كومىتېتى باياناتچىسىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باياناتچىسى پېتېر ستانونىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
1589484
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باياناتچىسى پېتېر ستانونىڭ تۈركىيە «كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دېگەن مەزمۇندىكى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى.