تۈركىيە - پاكىستان ئورتاق ھەربىي مانېۋىرى ئاخىرىلاشتى

پاكىستان قوراللىق قىسىملىرى تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 2021 - يىللىق «ئاتاتۈرك ھەربىي مانېۋىرى» ئاخىرىلاشتى.

1587570
تۈركىيە - پاكىستان ئورتاق ھەربىي مانېۋىرى ئاخىرىلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، مانېۋىرنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستان چېگراسىدىكى خەيبەر پاختۇنخۇا ئۆلكىسىگە قاراشلىق تاربەلا رايونىدىكى ئالاھىدە قىسىم مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

مۇراسىمغا پاكىستان ئارمىيەسىدىن گېنېرال لېيتېنانت سەيىد مۇھەممەد ئادنان ۋە تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىدىن مايور گېنېرال ئەمرە تايانچ باشچىلىقىدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربىي ھەيئەت ئىشتىراك قىلغان.

تۈركىيە ۋە پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرىدىن تاللانغان سەرخىل ئەترەتلەر قاتناشقان 3 ھەپتىلىك مانىۋېردا، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش، يېقىن ئۇرۇش، كوردون ۋە ئاختۇرۇش، تانا بىلەن سەكرەش، ئوق ئېتىش، ھەرىكەت تېخنىكىلىرى، تىك ئۇچاردىن ئارغامچا بىلەن چۈشۈش، تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئەركىن قونۇش قاتارلىق مەشىقلەر ئېلىپ بېرىلدى.

تۈركىيە-پاكىستان بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئالاھىدە قىسىم  ھەربىي مانېۋىرى 1998 - يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا نۆۋەتلەشكەن شەكىلدە  ئېلىپ بېرىلماقتا.

مانېۋىر تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغاندا، «جىنناھ مانېۋىرى» دەپ ئاتالسا، پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغاندا «ئاتاتۈرك مانېۋىرى» دەپ ئاتالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر