ئەردوغان: ئالەم بوشلۇقىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغانلىقىمىزنى ئېلان قىلدۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىللىي ئالەم بوشلۇقى پىلانىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا نەزەرلىرىنى ئاغدۇرغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1581082
ئەردوغان: ئالەم بوشلۇقىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغانلىقىمىزنى ئېلان قىلدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ باش مەركىزىدىن ئاق پارتىيەنىڭ بالىكەسىر، ئوسمانىيە، توقات، تۇنجەلى ۋىلايەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 7 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايلىرىغا نەق مەيداندىن ئىشتىراك قىلىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى ھەممىمىز بىرلىكتە بەرپا قىلىمىز. دېموكراتىيەمىز ، ئىقتىسادىمىز  ۋە ئەركىنلىكىمىزگە ساھىب چىقىپ، تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ 10 دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزۈش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، يەنە تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان تۈركىيەنىڭ مىللىي ئالەم بوشلۇقى پىلانى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن مىللىي ئالەم بوشلۇقى پىلانىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا نەزەرلىرىنى ئاغدۇرغانلىقىمىزنى جاكارلىدۇق.»

ئەردوغان، سۆزىگە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلدى: «خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا، دۆلىتىمىزنىڭ ئېسەنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە قەست قىلغان ھېچكىم  خەلقىمىز تەرىپىدىن نە ھۆرمەتكە، نە ئېتىبارغا ئېرىشەلمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر