تۈركىيە - پاكىستان ئارمىيەلىرىنىڭ «ئاتاتۈرك - 2021» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىرى پاكىستاندا باشلاندى

تۈركىيە بىلەن پاكىستان ئارمىيەلىرىنىڭ «ئاتاتۈرك مانېۋىرى – 2021» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىنىڭ تاربەلا رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم بىلەن بىرلىكتە باشلاندى.

1579749
تۈركىيە - پاكىستان ئارمىيەلىرىنىڭ «ئاتاتۈرك - 2021» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىرى پاكىستاندا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ ئۈچ ھەپتە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مانېۋىرنىڭ ئىككى قېرىنداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 4 - يانۋاردىكى باياناتىدا، تۈركىيە - پاكىستان ئورتاق كوماندىر ۋە ئالاھىدە قىسىملار مانېۋىرىنىڭ 4 - فېۋرالدىن 20 - فېۋرالغىچە پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

تۈركىيە - پاكىستان ئورتاق كوماندىر ۋە ئالاھىدە قىسىملار مانېۋىرى 1998 - يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

مانېۋىرنىڭ ئىسمى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەندە «جىنناھ مانېۋىرى»، پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەندە «ئاتاتۈرك مانېۋىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر