ئەردوغان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستانبۇل بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1578074
ئەردوغان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «بىز دۆلىتىمىزنى، قىممەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتمىزنى، بۇلارغا خالىغانچە قالايمىقانلاشتۇررساڭلار، بولىدۇ دەپ قاراپ تۇرامدۇق؟ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى نېمە دەيۋاتىدۇ؟ <بىز بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەيىبلەيمىز> دەۋاتىدۇ، مەن ئامېرىكاغا شۇنى ئەسكەرتىپ قويىمەنكى، ئامېرىكادا سايلامدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن دېموكراتىيە نامىدىن ھېچ نومۇس قىلمامسىز؟ ئۇ يەردىكى ۋەقەلەردە ھەممەيلەن بىر-بىرىگە قانداق تەھدىت سالدى؟ سىز ئىرقچىلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتتىڭىز. ساقچىلار ئۇ يەردىكى قارا تەنلىك پۇقرالىرىڭىزنى قانداق يەرگە ياتقۇزۇپ ئۆلتۈردى؟ بۇلارنى دۇنياغا قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون باياناتلارنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ، ئەي ماكرون! سەن ئالدى بىلەن دۆلىتىڭدىكى سېرىق جىلىتكىلىكەر مەسىلىسىنى ھەل قىلغىن، نۆۋەتتە بارلىق سېرىق جىلىتكىلىكلەر، پۇقرالىرىڭ كوچىلاردا نامايىشلارنى ئېلىپ بارماقتا، بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلالمايۋاتىسەن، ئاۋۋال سەن بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلغىن، مېنىڭ دۆلىتىمدە شۇ تاپتا ھېچقانداق بىر  مەسىلە يوق، نۆۋەتتە بۇلار بىزنىڭمۇ ھۇزۇرىمىزنى بۇزۇشنى نىيەت قىلىۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر