تۈركىيە كوسوۋۇنىڭ قۇددۇستا ئەلچىخانا ئېېچىش قارارىغا ئىنكاس قايتۇردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كوسوۋۇنىڭ قۇددۇستا ئەلچىخانا ئېچىش ۋەدىسىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1575701
تۈركىيە كوسوۋۇنىڭ قۇددۇستا ئەلچىخانا ئېېچىش قارارىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، كوسوۋۇنىڭ قۇددۇستا ئەلچىخانا ئېچىش ۋەدىسىنىڭ، خەلقئارا قانۇنلارغا، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى قارارىغا خىلاپلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھامى ئاقسوي بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا يازما جاۋاب بەردى.

كوسوۋۇ بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ تۈنۈگۈن ئىمزالانغان كېلىشىم ئارقىلىق ئورنىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئاقسوي، بۇ رامكا ئىچىدە، كوسوۋۇنىڭ قۇددۇستا ئەلچىخانا ئېچىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنىڭ ئايدىڭلاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «كوسوۋۇنىڭ بۇ ۋەدىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى قارارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھېسابلىنىدۇ. ئېنىقكى، بۇ يۆنىلىشتە تاشلانغان قەدەم پەلەستىن دەۋاسىغا خىزمەت قىلالمايدۇ ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانىغا زىيان يەتكۈزىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر