چاۋۇشئوغلۇ ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى.

1569134
چاۋۇشئوغلۇ ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بېلگيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو مەركىزىدە باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئىتتىپاق ئىچىدىكى بىرلىك ۋە ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دۆلىتىمىز ناتونىڭ يالتايتىش ۋە مۇداپىئە جەھەتتىكى ھالقىلىق شۇنداقلا باشلامچى رولىنى ئۈستىگە ئالماقتا. ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى ناتو قىسىملىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ: #ناتو , #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر