تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 253 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازاقىلغانلارنىڭ سانى 253 كىشىىگە يەتتى.
1554401
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 20 مىڭ 388 گە يەتتى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 183 مىڭ 117 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 2783 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 21 مىڭ 4 كىشىنى قوشقاندا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليون 48 مىڭ 437 گە يەتتى.