گېرمانىيەدە كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقارغان تۈرك ئالىم خىتاي ۋاكسىنىسى ئۈستىدە توختالدى

گېرمانىيەنىڭ كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقارغان «BioNTech» شىركىتى قۇرغۇچىسى تۈرك ئالىم  پروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن تۈركىيە بىلەن تۈزگەن ۋاكسىنا كېلىشىمىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن زور خۇشاللىق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1552569
گېرمانىيەدە كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقارغان تۈرك ئالىم خىتاي ۋاكسىنىسى ئۈستىدە توختالدى
Pfizer ve BioNTech'in Covid-19 aşısı.jpg
biontech asi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇغۇر شاھىن كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە (مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە) دەسلەپكى قەدەمدە تۈركىيەگە 550 مىڭ ۋاكسىنا يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇغۇر شاھىن: «تۈركىيەگە 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر 30 مىليون ۋاكسىنىنى تاپسۇرۇشنى پىلانلىدۇق. مارت ئېيىغىچە  4 مىليون 500 مىڭ ۋاكسىنا يوللاش پىلانىمىز بار. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ۋاكسىنا لازىم. بىز ئادىل ئۇسۇلدا ۋاكسىنىنى يېتىشتۈرۈشنى خالايمىز. ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پىلانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساق، تۈركىيەگە 30 مىليون ۋاكسىنىنى يېتىشتۈرەلەيمىز» دېدى.  

بۇ 30 مىليوندىن سىرت قوللىرىدا ئىمكانىيەت بولغان ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقى تەلەپ قىلغان تەقدىردە تۈركىيەگە تېخىمۇ كۆپ ۋاكسىنا ئەۋەتىشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئۇغۇر شاھىن: «كېلەر يىلى «Pfizer» شىركىتى بىلەن بىرلىكتە بىر مىلياردتىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشنى خالايمىز. 80 دىن ئارتۇق دۆلەتكە بۇ ۋاكسىنىنى تارقىتىشىمىز لازىم. قولىمىزدىلا بولىدىكەن تۈركىيە قاچان خالىسا،  شۇ چاغدا بېرىشنى خالايمىز» دېدى.

تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن ۋاكسىنا كېلىشىمى سەۋەبدىن سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجاغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئۇغۇر شاھىن، ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنىنىڭ ھازىرغا قەدەر 1 مىليون 500 مىڭ كىشىگە ئەملەنگەنلىكىنى، بۇ ۋاكسىنانىڭ ئەكسى تەسىرى سۈپىتىدە باش ئاغرىقى، قول ئاغرىش، ئازراق ھارغۇنلۇق ۋە بەزىدە قىزىتىش كۆرۈلگەنلىكىنى، لېكىن بۇ تەسىرلەرنىڭ ئىككى كۈن ئىچىدە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

ئۇغۇر شاھىن خىتايدىن كېلىدىغان ۋاكسىنالار ئۈستىدىمۇ  توختىلىپ، «ھازىر خىتايدىن كېلىۋاتقان ۋاكسىنىمۇ  ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. خىتاي ۋاقسىناسىنىڭ ئۈنۈمى تەخمىنەن %85 ياكى %86 ئەتراپىدا بولماقتا. بۇنىمۇ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك دېيىشكە بولىدۇ. <خىتاي ۋاكسىنىسى> ياكى <BioNTech ۋاكسىنىسى> ۋەياكى <باشقا دۆلەت ۋاكسىنىسى> دەيدىغان مەسىلە  بولماسلىقى كېرەك. خىتايلارمۇ بۇ ۋاكسىنىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك سىناقلاردىن ۋە  كلىنىكىلىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتكۈزدى. مۇھىم بولغىنى تۈركىيەدە يېتەرلىك ساندا ۋاكسىنانىڭ بولىشى لازىملىقىدۇر. مەن ھازىرغىچە كۆرگەن بارلىق ۋاكسىنىلار ياخشى ئۈنۈم بېرىۋاتىدۇ ۋە ياردەمچى بولالايدۇ» دېدى.

ئۇغۇر شاھىن تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز تۈركىيەگە تۇنجى قېتىم مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئېلىپ كېلىۋاتىمىز. تۈركىيەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى خالايمىز. تۈركىيە پەن – تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى (TUBITAK) بىلەن مۇزاكىرىلىرىمىز داۋاملاشماقتا. بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىپ خىزمەتلەرنى باشلىدۇق. بىز تۈركىيەدە «BioNTech» شىركىتىنىڭ تارمىقىنى ئېچىشنى خالايمىز. تۈركىيەدە بۇ يۇقۇمدىن سىرت راك كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىشنى خالايمىز. ئاللاھ خالىسا، كېلەر يىلى يازدا تۈركىيەدە راك كېسەللىكلىرى كلىنىكىلىق خىزمەتلىرىنى باشلايمىز، تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا «BioNTech» شىركىتىنىڭ ئىشخانىلىرىنى ئېچىپ، تەتقىقات ۋە تەرەققىيات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالايمىز » دېدى.

كېلەر يىلى ياز ئايلىرىغىچە خىزمەتلىرىنىڭ تولىمۇ زىچ بولدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئۇغۇر شاھىن: «ئىنسانلارغا يېتەرلىك مىقداردا ۋاكسىنا يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىمىز بار.  يازغىچە راھەت بولالمايمىز. ئەگەر يازدا دۇنيا نەپەسلىنىشكە باشلىسا، بىزمۇ نەپەس ئېلىشنى باشلايمىز، شۇ چاغقىچە جاپالىق خىزمەت قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر