ئەردوغان: خەلقىمىز خاتىرجەم بولسۇن، بىزگە ئىشەنسۇن

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «تۈركىيە ئىقتىسادى ھەر خىل ئېغىر سىناقلار، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پۇرسەتلەر ۋە ئوخشىمىغان ئەھۋاللارغا تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

1545584
ئەردوغان: خەلقىمىز خاتىرجەم بولسۇن، بىزگە ئىشەنسۇن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ، ئىقتىسادنىڭ ھەر خىل ئېغىر سىناقلار، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پۇرسەتلەر ۋە ئوخشىمىغان ئەھۋاللارغا تەييار ھالەتتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «مەن پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى، توختىماستىن ئۈمىدسىزلىك ئۇرۇقى چېچىۋاتقانلارغا قارىماي، بىزگە ۋە ئىقتىسادىي رەھبەرلىك قاتلىمىمىزغا ئىشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دۇنيا ئىقتىساد تارىخىدىن ئورۇن ئېلىش ئېھتىمالى بولغان بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە كوۋىد – 19 يۇقۇمىدىن كېيىنكى دەۋرگە كۈچلۈك، چىدامچان ۋە رىقابەتچى خاراكتېرگە ئىگە دۇنياۋى ئاكتىيور سۈپىتىدە كىرىشكە بەل باغلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، ياشلار ۋە ئاياللارنى نۇقتا قىلغان ھالدا بارلىق ساھەلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان سىياسەتلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتىدا تۈركىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقى پىروگراممىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، «دۆلىتىمىزنىڭ بايرىقىنى ئالەم بوشلۇقىدا لەپىلدىتىدىغان كۈنلەر ناھايىتى يېقىنلىشىپ قالدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر