تۈركىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالاندى

تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ساھەسىدە بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالاندى.

1545720
تۈركىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، كېلىشىملەر تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل دەمىر باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى دائىرىسىدە ئىمزالانغان.

باياناتتا سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندرى تاران، بۇ لايىھەلەر ئارقىلىق، قارادېڭىز ۋە ئازاق دېڭىزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش دائىرىسىدە ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ نىشان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇلارنىڭ ئۇكرائىنا ۋە تۈركىيە ھۆكۈمەتلىرى يېقىندا  ئىمزالىغان كېلىشىم دائىرىسىدىكى تۇنجى ئىجابىي قەدەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن تاران، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكىنىڭ، تۈركىيەنىڭ تېخنولوگىيەلىرى ۋە سېلىنمىلىرى سايىسىدا ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىنىڭ تېخىمۇ جانلىنىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىسمائىل دەمىر بولسا، تۈركىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە كۆپ جەھەتتىن ھەمكارلىق نۇقتىلىرىنىڭ بارلىقىنى، كېلىشىملەرنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق مېۋىلەرنى بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇ، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە باشقا بىر دۆلەت بىلەن تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى ئىمزالىشى ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر