تۈركىيە ئىنسانىي تەرەققىيات ئىندېكسىدىكى ئورننى ساقلاپ قالدى

تۈركىيە دۇنيادىكى 189 دۆلەت ئارىسىدا 54-ئورۇنغا ئۆتۈپ، «ئىنتايىن يۇقىرى ئىنسانىي تەرەققىيات» كاتېگورىيەسىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قالدى.

1546091
تۈركىيە ئىنسانىي تەرەققىيات ئىندېكسىدىكى ئورننى ساقلاپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت تەرەققىيات پىروگراممىسى(UNDP)  تەرىپىدىن 2019-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئاساس قىلىنغان ھالدا تەييارلانغان ئىنسانىي تەرەققىيات ئىندېكسى، باراۋەرسىزلىككە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان ئىنسانىي تەرەققىيات ئىندېكسى، جەمئىيەت خاراكتېرلىك جىنسىيەتكە تايانغان تەرەققىيات ئىندېكسى، جەمئىيەت خاراكتېرلىك جىنسىيەت باراۋەرسىزلىكى ئىندېكسى بىلەن كۆپ ئامىللىق كەمبەغەللىك ئىندېكسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئالدىمىزدىكى چېگرا: ئىنسانىي تەرەققىيات ۋە ئانتروپوسېن» تېمىلىق 2020-يىللىق ئىنسانىي تەرەققىيات دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكا ئىدارىلىرىدىن ۋە ئىشەنچلىك خەلقئارالىق ئورگانلاردىن قولغا كەلتۈرۈلگەن مەلۇماتلار سايىسىدا تەييارلانغان ئىنسانىي تەرەققىيات ئىندېكسى، ئۇزۇن ۋە سالامەت ياشاش، ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش بىلەن قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ھايات ئۆلچىمى قاتارلىق ئۈچ ئامىل ئاساسىدا ئوتتۇرىچە ئىنسانىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۇزۇن مۇددەت كۆزىتىش نەتىجىسىدە چىقىرىلدى.

ئەڭ كۆپ بىلىنىدىغان تەرەققىيات كۆرسەتكۈچلىرىدىن بىرى بولغان ئىندېكسقا ئاساسلانغاندا، ئىنسانىي تەرەققىيات ئىندېكسىدە بىرىنچى رەتنى 0.957 بىلەن نورۋېگىيە ئىگەللىدى ۋە ئىلگىرىكى ئورنىنى ساقلاپ قالدى.

ئىرېلاندىيە بىلەن شىۋېيتسارىيە 0.955 بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، خوڭكوڭ بىلەن ئىسلاندىيە 0.949 بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا، گېرمانىيە 0.947 بىلەن تۆتىنچى ئورۇندا، شىۋېتسىيە 0.945 بىلەن بەشىنچى ئورۇندا، ئاۋستىرىيە بىلەن گوللاندىيە 0.944 بىلەن ئالتىنچى ئورۇندا ۋە 0.940 بىلەن دانىيە يەتتىنچى ئورۇندا تۇردى.

تۈركىيەنىڭ 2019-يىلىدىكى ئىنسانىي تەرەققىيات ئىندېكسى 0.820 بولدى. بۇ قىممەت بىلەن، 189 دۆلەت ئارىسىدا 54-ئورۇنغا كىرىپ، «ئىنتايىن يۇقىرى ئىنسانىي تەرەققىيات» كاتېگورىيەسىدىن ئورۇن ئالدى.

تۈركىيە 2019-يىلى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا 59-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم «ئىنتايىن يۇقىرى ئىنسانىي تەرەققىيات» كاتېگورىيەسىگە كىرگەن ئىدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر