تۈركىيە رەھبەرلىرى ئامېرىكاغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە رەھبەرلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەگە ئېمبارگو  يۈرگۈزۈش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1545966
تۈركىيە رەھبەرلىرى ئامېرىكاغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئېمبارگو نە ئىتتىپاقداشلىق روھىغا، نە ئىتتىپاقداشلىقنى قايتىدىن قازىنىش ئىراىسىگە ئۇيغۇن ئەمەستۇر. دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىدە تۈركىيەنى ئۆزىگە مەھكۇم، دەپ گۇمان قىلىدىغان بىر ئاڭ، زاماننىڭ ئارقىسىدا قالغاندۇر.»

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ قەتئىي تىز پۈكمەس ئىرادىسىنى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئېمبارگو قارارى قىلچىمۇ تەۋرىتەلمەيدۇ. گەرچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن، مىللىي مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغداش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تاشلاۋاتقان قەدەملىرىمىزنىڭ دائىرىسى، جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ زورىيىدۇ.»

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دېدى: «ئېمبارگو قارارىنى قولىمىزنىڭ تەتۈر تەرىپى بىلەن ئىتتىرىۋەتتۇق. مىللىي مەسىلىمىزنىڭ ئاساسلىق نىشانى بويىچە شان – شەرىپىمىزنى جان تىكىپ قوغداۋاتىمىز.»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يېتىش يولىدا تاشلاۋاتقان قەدەملىرى قەتئىي داۋاملىشىدۇ.»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز تۈركىيەگە قارشى لوبىلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن قۇربان قىلىۋېتىشكە قەتئىي بولمايدىغان دەرىجىدە مۇھىمدۇر. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ خەۋپلىك خاتالىقىدىن كېچىكتۈرمەستىن قايتىشىغا ئىشىنىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە، مەۋجۇت ھەربىي ۋە سىياسىي رېئاللىقلارغا قىلچە ماس كەلمەيدىغان ئېمبارگو قارارىنى ئەيىبلەيمىز. بۇ قارار دۆلەتلىرىمىز ئارا ئىتتىپاقداشلىقنىڭ بارلىق قىممەت ئۆلچەملىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. جىددىي ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى ئاستىدىكى دۆلىتىمىز ھەم 83 مىليون پۇقرامىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك بولغان ھەر تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوللىنىلىدۇ. بىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتكە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنىڭ، ئىتتىپاقداشلىق روھىغا زىيان يەتكۈزۈشتىنمۇ بەكرەك، ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغانلىقى ناھايىتى روشەندۇر. دۆلىتىمىزنى ۋە ئەزىز خەلقىمىزنى مۇداپىئە قىلىش ھەم بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا قارىتا پائالىيەتلىرىمىز قەتئىي ئىرادە بىلەن ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ.»

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنگىن ئالتاي، مۇنداق دېدى: «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھۆكۈمەتكە شۇنداق دەيمىزكى، بۇنداق ئېمبارگو قارارلىرىنى قولۇڭلارنىڭ تەتۈر تەرىپى بىلەن ئىتتىرىۋېتىڭلار، قىلچىمۇ يول قويماڭلار. تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھېمايىسىگە ئېھتىياجى يوقتۇر.»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق روھى ۋە تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخىي چوڭقۇرلۇقىغا ئەسلا ماس كەلمەيدىغان  ئېمبارگو قارارىنى رەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ قارارنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي يوقتۇر، جۈملىدىن بۇ قارار ئادالەتتىن يىراقتۇر، ئىتتىپاقداش مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن تامامەن خاتادۇر.»

ئەنقەرە رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەگە بىر قىسىم ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش قارارى چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر