تۈركىيە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار سانى جەھەتتە دۇنيادا 10 - ئورۇندا تۇرىدۇ

تۈركىيە 125 مىڭ 138 ئوقۇغۇچى بىلەن ئالىي مائارىپ ساھەسىدە ئەڭ كۆپ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىغا ئىگە 10 – دۆلەت بولدى.

1543485
تۈركىيە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار سانى جەھەتتە دۇنيادا 10 - ئورۇندا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى – يۇنېسكونىڭ 2018 – يىللىق سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا مىقياسىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىۋاتقان 5 مىليون 571 مىڭ 402 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 987 مىڭ 341 نەپىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇماقتا ئىكەن.

بۇ جەھەتتە ئەنگلىيە 452 مىڭ 79 ئوقۇغۇچى بىلەن ئىككىنچى، ئاۋسترالىيە 444 مىڭ 514 ئوقۇغۇچى بىلەن ئىككىنچى رەتتىن ئورۇن ئالىدىكەن.

تۈركىيە بولسا، 125 مىڭ 138 ئوقۇغۇچى بىلەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىۋاتقان 10 – دۆلەت ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر