تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان كىملىك كارتىسى بىلەنلا ساياھەت قىلىش دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان پۇقرالىرى پات يېقىندا پەقەت كىملىك كارتىمىز بىلەنلا ئۆزئارا ساياھەت قىلالايمىز» دېدى.

1543464
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان كىملىك كارتىسى بىلەنلا ساياھەت قىلىش دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېردىكى ئادرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، «قېرىندىشىم، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمىمىزگە ئاساسەن تۈركىيە – ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا پات يېقىندا پەقەت كىملىك كارتىسى بىلەنلا ساياھەت قىلالايمىز. بىر مىللەت ئىككى دۆلەتكە مۇشۇنداق قىلىش يارىشىدۇ! خەيرلىك بولسۇن!» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر