تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئەزەربەيجاندا بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن قاراباغ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

1543168
تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق تارقاتقان باياناتىدا، «بىرلا ۋەتەن ھەرىكىتىنى غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىپ قاراباغدا بۈيۈك زەپەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئەزەربەيجان تۈركى قېرىنداشلىرىمىزنى تەبرىكلەيمىز، باكۇدىكى مۇراسىمدا پاراتتىن ئۆتىدىغان قەھرىمان ئارمىيەلىرىمىزنىڭ ئەسكەرلىرىگە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە سالام يوللايمىز. 2783 شېھىتىمىزغا ئاللاھتىن مەرھەمەت تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ۋىدېئولۇق ئۇچۇرنىڭ مۇزىكىسىغا ناخشىچى قىراچنىڭ «ۋەتەن مارشى» نىڭ مۇزىكىسى كىرىشتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر