تېررورلۇق تەشكىلاتى سېپىدىكى يىمىرىلىش ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى يەنە تۆت تېررورچى قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

1542902
تېررورلۇق تەشكىلاتى سېپىدىكى يىمىرىلىش ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىرلىقنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن جامائەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى بىلەن ژاندارما باش قوماندانلىقى ئېلىپ بارغان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قاچقان تۆت تېررورچىنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تەسلىم بولغان مەزكۇر تېررورچىلارنىڭ 2013 ۋە 2015 – يىللىرىدا تەشكىلاتقا قاتنىشىپ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

يېڭىدىن تەسلىم بولغان تەشكىلات ئەزاسى مەزكۇر تۆت تېررورچىنى قوشقاندا مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا تەسلىم بولغانلار ئومۇمىي سانى 230 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر