تۈركىيە ھافتەرنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

ئەنقەرە، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدىكى مەنپەئەتلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان تەقدىردە، بۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

1542116
تۈركىيە ھافتەرنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەلىپە ھافتەرگە قاراشلىق ئاتالمىش لىۋىيە مىللىي ئارمىيەسى تەرىپىدىن لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە توختىتىلىپ مەسئۇلىيەتسىزلەرچە جەرىمانە قويۇلغان تۈرك سودا پاراخوتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ يازما باياناتىدا، بىر تۈركىيە شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان ۋە تۈرك مۇلازىمەتچىلەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جامايكا بايراقلىق مابروكا ناملىق پاراخوتنىڭ لىۋىيەنىڭ مارسا سۇسا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسيانچى ئەسكەر ھافتەرنىڭ ئاتالمىش لىۋىيە مىللىي ئارمىيەسى تەرىپىدىن توختىتىلىپ جەرىمانە قويۇلغانلىقى ۋە پاراخوت خادىملىرىنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلىقى ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئېلىندى، دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، «بىز بۇ قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. پاراخوتنىڭ ئالدىن پىلانلانغان سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان قەدەملەر دەرھال تاشلىنىشى كېرەك» دېيىلدى.

لىۋىيەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) رەھبەرلىكىدە سىياسىي خىزمەتلەر ئىشلىنىپ مۇئەييەن ئۈنۈملەر ھاسىل قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ھافتەر ۋە ئۇنىڭ قوراللىقلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، «تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدىكى مەنپەئەتلىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان تەقدىردە، بۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ كۈچلەر (ھۇجۇم قىلغۇچىلار)نى يوللۇق زەربە بېرىش نىشانى دەپ قارايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتىمىز» دېگەنلەر قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر